ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا 230 دىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قازا قىلدى

2026.03.30 14:41 مەنبە: خەلق تورى

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان، 230 دىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بەختسىزلىككە ئۇچرىغان.

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: قازا قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىچىدە 17 ئادەم بەش ياشقا توشمىغان. ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا يەنە تەخمىنەن 1800 بالا يارىلاندى، 244 ئايال قازا قىلدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىراننىڭ سەھىيە ۋە داۋالاش ئۇل ئەسلىھەلىرىمۇ ھۇجۇمدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 24 نەپەر داۋالاش خادىمى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ