
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ئىران «ۋاسىتىچى» دۆلەت پاكىستان ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ۋاسىتىلىك سۆھبەتنىڭ «ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ». بىراق، مۇخبىر كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئاچقىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ترامپ كونكرېت تەپسىلاتنى ئاشكارىلىمىدى.
ترامپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ يەنە 3000 نىشانىمىز قالدى، 13 مىڭ نىشاننى بومباردىمان قىلدۇق، يەنە زەربە بېرىدىغان نەچچە مىڭ نىشان بار. كېلىشىم ناھايىتى تېزلا ھاسىل بولۇشى مۇمكىن.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ