شىخەنزە ناملىق پاراخوت تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقتى!

2026.03.30 14:39 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 27-كۈنى «جۇڭگو جۈنخاۋ» ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيبوسى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ

«يېڭى سەپداش» شىخەنزە ناملىق پاراخوتنىڭ مەشىق كۆرۈنۈشىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرسەتتى

تورداشلار: «يېڭىدىن سەپكە كىرگەن ھەربىي پاراخوتنىڭ ئوت كۈچى يېڭى كەلگەنگە ئوخشىمايدۇ» دېيىشتى

ئۇقۇشىمىزچە

جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم ھەربىي پاراخوت مەشىق مەركىزى يېقىندا لوۋدى ناملىق پاراخوت، خۇبېي ناملىق پاراخوت، شىخەنزە ناملىق پاراخوت قاتارلىق يېڭىدىن سەپكە كىرگەن ھەربىي پاراخوتلاردىن سەپ تۈزۈپ، ئەمەلىي جەڭ مەشقىنى قانات يايدۇرغان

بۇ قېتىمقى مەشىق جەريانىدا پاراخوت سېپى دېڭىزدا سەپتىكى ھەرقايسى پاراخوتلارنى ئۆزئارا شەرت قىلىپ مەشىق قىلىشقا تەشكىللەيدىكەن

دېڭىز قاتنىشىنى باشقۇرۇش، پاراخوت زىيىنىنى تىزگىنلەش، دېڭىز قاتنىشى تەمىناتى، ئىستېرېئولۇق يەتكۈزۈش، يېنىك قوراللار بىلەن قارىغا ئېتىش قاتارلىق كۆپ خىل مەشىق تۈرلىرىنى دېڭىز ئۈستى مانېۋىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ،

ھەر دەرىجىلىك كوماندىرلارنىڭ تەشكىللەش ۋە قوماندانلىق قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەشىق ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرىدىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ