ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 100 مىليون پارچىدىن ئاشتى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.9 ئاشتى

2026.03.30 14:38 مەنبە: خەلق تورى

ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭنىڭ پوچتا كەسپى ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسىلىپ، ئورۇندالغان كەسىپ كىرىمى (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) جەمئىي 1 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشقان؛ ئورۇندالغان ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 177 مىليون 587 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورۇندالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى جەمئىي 1 مىليارد 330 مىليون يۈەن، ئورۇندالغان كەسىپ مىقدارى جەمئىي 100 مىليون 678 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %11.1، %29.9 ئېشىپ، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

تېز يەتكۈزۈش كەسىپ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، باشقا جايغا تېز يەتكۈزۈش ئېشىشتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلانغان، ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئورۇندالغان كەسىپ مىقدارى 83 مىليون 557 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.7 ئېشىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %83ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. شەھەر ئىچى بىلەن خەلقئارا \شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە ئالاقىدار تېز يەتكۈزۈشمۇ مۇقىم قەدەمدە ئاشقان، شەھەر ئىچى تېز يەتكۈزۈش كەسپى مىقدارى 16 مىليون 765 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.8 ئاشقان؛ خەلقئارا \شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە ئالاقىدار تېز يەتكۈزۈش كەسپى مىقدارى 356 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.2 ئاشقان.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ تەرەققىياتىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى مىقدارى 62 مىليون 109 مىڭ 600 پارچە، تېز يەتكۈزۈش كەسپى كىرىمى 657 مىليون 281 مىڭ 700 يۈەن بولۇپ، بىردەك شىنجاڭ بويىچە باش ئورۇندا تۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق موتورىغا ئايلانغان. تېز يەتكۈزۈش كەسپى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى تەرتىپ بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم %27.65، %19.13، %17.28 بولغان. تېز يەتكۈزۈش كەسپى مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە تۇرپان شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەرتىپ بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم %48.72، %47.11، %41.39 بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ