
3-ئاينىڭ 27-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، «ئاساسىي مائارىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى مۇستەھكەملەش يىلى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» يېقىندا بېسىپ تارقىتىلىپ، 20 تۈرلۈك پاسسىپ تىزىملىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان، تىزىملىكتە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان:
بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دەرسلىك تاللاپ ئىشلىتىش، ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى زاكاز قىلىش ياكى ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىلگەن يوللار ئارقىلىق كىتاب، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرى، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا ھەرقانداق شەكىلدە مەجبۇرلاش، قىزىقتۇرۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
مەكتەپ فورمىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەكتەپ فورمىسىنى مەجبۇرىي ئالدۇرۇش، مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەق ئېلىش تۈرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆپەيتىشى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشى، ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن تۈرلۈك ياردەم مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىشى، ئىگىلىۋېلىشى، ئىشلىتىۋېلىشى قاتارلىقلار قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ