ئىچكى موڭغۇل خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتتى («15-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش)

2026.03.30 14:37 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى جاڭ چېڭ، ۋۇ يۇڭ

ياڭگىر ئۇسسۇلىدا دۇمباق ساداسى ياڭراپ، رەڭلىك يەلپۈگۈچلەر ئاستى-ئۈستىگە لەپىلدەيتتى، 64 ياشلىق خۇاڭ فېڭخۇانىڭ ئۇسسۇل قەدىمى يەڭگىل ئىدى، «ئىلگىرى كەنتتە دائىم تام تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئاپتاپقا قاقلىناتتىم، ھازىر ئاچا-سىڭىللار بىلەن ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىيالايدىغان بولدۇم، قەغەز قىيما قىيىشنى ئۆگەندىم، ناھايىتى روھلۇق بولۇپ كەتتىم!»

بۇ جاي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇلانچاب شەھىرى شىڭخې ناھىيەسى جيۇيىڭ كەنتى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتى بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشقى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، «يالغۇز تۇرۇش»نى «بىرلىشىپ كۆڭۈل ئېچىش»قا ئۆزگەرتىپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2023-يىل 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.» بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى ۋە خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك».

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. 15 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت ـ سائادىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. بەش جەھەتتىكى 20 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچى يەتتە تۈر بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئاشىدۇ. «15 ـ بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىقلارنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتتى.

يېزا-كەنتلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۈپىتى، ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى −

ئاشخانا ئازادە، يورۇق بولۇپ، زىغىر يېغىنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تاراپ تۇراتتى، تاماقتىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. ياشانغانلار ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتاتتى. «ئىلگىرى دائىم ئۆيدە ئوت يېقىپ تاماق ئېتىشتىن غەم قىلاتتۇق، بۇ يەردە تاماق يېيىش ئەرزان ھەم قولاي» دېدى خۇاڭ فېڭخۇا كۈلۈپ تۇرۇپ.

يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ «غىزالىنىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىگە قارىتا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كەنتنى ئاساسىي بىرلىك قىلىپ ئۆلچەملەشكەن ياشانغانلار ئاشخانىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنى ئۆيىگىچە تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، سۇم يېزا-بازار رايونىدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدىن 659 ى، كەنت دەرىجىلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتىدىن 6404 ى قۇرۇلدى، 2231 ياشانغانلارنىڭ تاماق يېيىشىگە ياردەم بېرىش نۇقتىسى 1 مىليون 270 مىڭ ياشانغان كىشىنى ئىشىكى ئالدىدا ئىسسىق تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«15-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىغىچە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، داۋالىنىش-كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا، چارۋىچىلىق رايونى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇشنى قوللاپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.

ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى تېخىمۇ پۇختا ساقلاش −

ئوردوس شەھىرى دۇڭشېڭ رايونىدىكى يۇڭشىڭ مەھەللىسىدە، 55 ياشلىق كاڭ يۈمېي سايمانلىرىنى ئېلىپ، ئىگە-چاقىسىز بىر ئائىلىنىڭ ئەينىكىنى پاكىز سۈرتۈۋاتاتتى.

سول قولى مېيىپ، ئېرى يەنە مېڭە قان تومۇر تىقىلمىسى سەۋەبىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا، كاڭ يۈمېي ئائىلىسى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە بولۇپ قالغانىدى. ئۇ شەھەردە بەرپا قىلىنغان «شەھەرنى ئىللىتىپ ئورتاق ياردەم بېرىش» ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرى سىناق نۇقتىسىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، ھەقسىز سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمىتىنى تاللىدى. «ئائىلە ئىشلىرى بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، مەن ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەينەكلىرىنى سۈرتۈپ بەردىم، پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە باشقىلارغىمۇ ياردەم بېرەلەيدىغان بولدۇم! »

«پۇل، نەرسە ـ كېرەك يەتكۈزۈپ بېرىش»تىن جەمئىيەت مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پەرۋىش قىلىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، بايلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرىدىكى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش بىلەن تەمىنلەشكىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جەمئىيەت قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى. بۇ يىل 2 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ـ يېزىلىرىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار قاتارلىق 1 مىليون 726 مىڭ 200 قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى؛ مېيىپلەرنىڭ ئىككى تۈر بويىچە ياردەم پۇلى 714 مىڭ مېيىپ كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.

«< 15-بەش يىل > مەزگىلىدە، بىز رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھەرىكەتچان كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى، كەڭلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، < ماددىي ئەشيا+مۇلازىمەت > ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاجىزلارنى ئامما يۆلەيدىغان < بەخت تىزىملىكى>نى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا ئىگە قىلىمىز» دېدى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى كاڭ شۆدۇڭ.

ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتىنى پۇختىلاپ، ئاممىنى داۋالىنىشتا تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش −

3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى تۇڭلياۋ شەھىرى زالۇت خوشۇنىدا ئەتىيازنىڭ سوغۇقى بولۇۋاتاتتى، چەت، يىراق چارۋىچىلىق نۇقتىلىرىدىكى يوللار پاتقاق بولۇپ، يۈرۈش تەس ئىدى. 67 ياشلىق چارۋىچى خەن خېشى گېباۋيىننىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىككى كۈن ئۈزۈلۈپ قېلىپ، قان بېسىمى خەتەرلىك دائىرىگە ئۆرلەپ كەتتى.

خوشۇندىكى تېببىي خادىملاردىن تەشكىللەنگەن «سارىلاڭ» ساغلاملىقنى باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش كوللېكتىپى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگىلى باردى. ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولغاچقا، ئەترەت ئەزالىرى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە پىيادە بېرىپ، قان بېسىمىنى ئۆلچەپ، دورا ئىشلىتىش لايىھەسىنى تەڭشەپ، كىچىك دورا ساندۇقىنى قايتىدىن تولدۇرۇپ بەردى. «سىلەر ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغاچقا، يەنە كېلىپدورا ساندۇقۇم لىق بولغاچقا، كۆڭلۈم بەكلا تىندى! » خەن خېشى گېباۋيىن ئەترەت ئەزالىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينى-كەينىدىن رەھمەت ئېيتتى.

«ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا، چەت-ياقا رايونلاردىكى بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش كېرەك. » ئىچكى موڭغۇل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا چېتىلىدىغان 82 خوشۇن-ناھىيەدە زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. ھازىرغىچە، 74 خوشۇن-ناھىيە ئۆلچەمگە يەتتى، 2888 ناھىيە دەرىجىلىك تېببىي خادىم ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئۇدا ئالتە ئايدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلدى، 11 مىڭ 148 ئائىلە دوختۇرى كوللېكتىپى تەشكىللەپ قۇرۇلدى، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش نىسبىتى %81.62 كە يەتتى.

«2030-يىلىغا بارغاندا، ئىچكى موڭغۇل چەت، يىراق رايونلاردا سەييارە داۋالاش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن چوڭقۇر ماسلاشتۇرىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭ.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىشلارنى تېخىمۇ چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مۇلازىمەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ