رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش

جياڭشىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ %70تىن كۆپرەكى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويدى

2026.03.30 14:35 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلارنىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، جياڭشى ئۆلكىسىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ %70 تىن كۆپرەكى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويغان. رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ 2025-يىللىق ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال سۈپەت-ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەر رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش پۇرسىتىنى قانداق چىڭ تۇتىدۇ؟

«ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش»، «رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سەمىمىي تاپشۇرۇقى جياڭشىدىكى كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭشى ئالاقىدار مېخانىزملارنى پائال بەرپا قىلىپ، كارخانىلار ئۆزگەرتىشنى خالىماسلىق، ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، ئۆزگەرتىشنى بىلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ رەقەمللەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

دەسلەپتە، جياڭشى شىنجيايى يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جياڭچۈن رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەنىدى. كېيىن، ئىككى ئىش ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى: رەقەملىشىش، ئەقلىيلىشىشتىكى بايراقدار كارخانا جياڭشى دۇڭفاڭ جۈلۇڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بۇ كارخانىنىڭ 2023 ـ يىلى تىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 ئاشقانلىقىنى؛ 2024-يىلى، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاساسلىق كارخانا جياڭشى لەنشىڭ شىڭخو ئورگانىك كىرېمنىي چەكلىك شىركىتى رەقەملەشكەن، ئەقلىيلەشكەن كەسىپ سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى 170 تىن ئارتۇق كارخانا بىلەن سانلىق مەلۇماتتىن ھەر ۋاقىت ئورتاق بەھرىمەن بولغانلىقىنى بىلدى، ئەمما شىنجيايى شىركىتى بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.

كۆز قاراش ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجيايى شىركىتى 2025-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىپ ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجيايى شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش-كونترول قىلىش مەركىزىگە كىرگەندە، 18 يۈرۈش ئاپتوماتىك كونترول سىستېمىسى ماس مەشغۇلات قىلىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرلىرىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى. تىپ ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى %25 ئېشىپ، مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %96.1 تىن %99.6كە يەتتى.

رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلاردىن يەنە جياڭشى جىڭدۇڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىمۇ بار.

تىپ ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن، شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى تاۋ شياۋلياڭ سېخقا كىرسىلا بېشى قاتاتتى، 182 دانە بوياش ماشىنىسى 20 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلغان بولۇپ، ھەر ئايدا رېمونتقا چۈشەتتى، «يېڭى ئۈسكۈنە ئالماشتۇرساق تەننەرخى 60 مىليون يۈەن بولىدۇ، شىركەتنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى ئارانلا 150 مىليون يۈەن، بۇ ئاسان ئەمەس!»

بۇ تۈردىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش مەبلىغى يېتەرلىك بولماسلىق، تېخنىكىسى ئاجىز بولۇش، ئەندىشىسى بىرقەدەر كۆپ بولۇش قاتارلىق ئاغرىق نۇقتىلىرىغا قارىتا، جياڭشى ئۆلكىسى ئۆلكە دەرىجىلىك رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىدىن 26 نى قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ خاسلىقىنى بىلىدىغان بىر تۈركۈم كەسپىي مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، 1370 مۇلازىمەت سودىگىرى 3400 خىلدىن ئارتۇق «كىچىك، تېز، يېنىك، توغرا» ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى.

ئەڭ ئاخىرىدا مۇلازىمەت كارخانىسى جىڭدۇڭ ئوقەتچىلىك شىركىتىنى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى − كەڭ كۆلەمدە چاقىدىغان ۋە قۇرىدىغان ئىش قىلمايلا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۆلەك، 5G باشقۇرۇش سۇپىسىنى سەپلەپ، ئەسلىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. بۈگۈنكى كۈندە ئىشچىلار پەقەت كۇنۇپكىنى يېنىك باسسىلا، بارلىق گۈل بېسىش-بوياش ئىش تەرتىپىنى سىستېما كونترول قىلىدۇ. تاۋ شياۋلياڭ ناھايىتى رازى بولۇپ مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي سېلىنما ئارانلا 6 مىليون يۈەندىن ئاشتى، تىجارەت تەننەرخىنى %30 تېجەپ قالدۇق، بىراق يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى.»

بايراقدار كارخانىلار يېتەكلەپ، ئۆزگەرتىشنى خالىماسلىق روھىي ھالىتىنى تۈگىتىش؛ تۈرگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇپ، ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق توسالغۇلىرىنى تۈگىتىش؛ كارخانىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر تۈزۈپ، ئۆزگەرتىشنى بىلمەسلىكتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش. ..جياڭشى دۆلەت دەرىجىلىك «رەقەملىك يول باشلىغۇچى»كارخانىدىن يەتتىنى، ئۆلكە دەرىجىلىك «رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان زاۋۇت»تىن 300 نى يېتىشتۈردى. جياڭشى ئۆلكىسى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، 13 ساھەدە «كەسىپ چوڭ مېڭىسى» قۇردى ھەمدە رەقەملەشكەن «شىپاخانىلار»نى ماسلاشتۇرۇپ، جەمئىي 4700 دىن ئارتۇق كارخانىغا مۇلازىمەت قىلدى.

ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جياڭشى ئۆلكىسى كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر تۈزۈپ ۋە يۈرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىشىغا تۈرتكە بولدى . 2025 ـ يىلى، جياڭشى ئۆلكىسى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەتسىزلىك نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %16.5 تۆۋەنلىگەن، تىجارەت تەننەرخى %16.1 تۆۋەنلىگەن، 10 مىڭ يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتى %18.1 تۆۋەنلىگەن، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئۆزگەرتىشنى يولغا قويغان كارخانىلارنىڭ سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇشىدىكى نىسبىتى %22.9 بولغان.

«< 15-بەش يىل >لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا،< رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تورى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەقەملىشىشى، ئەقلىيلىشىشىگە كۈچ قوشۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك > دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» جياڭشى ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى يىڭ جيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل جياڭشى ئۆلكىسى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر توپلاشقان كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنى تولۇق قاپلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ئالاقە تورىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسىپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %9.5 ئەتراپىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن خۇڭ مۇنداق دېدى: «ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشى زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، بىز زەنجىر-توپ بويىچە ئورتاق ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەقلىي ياسىمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يەككە نۇقتىدا ئۆزگەرتىشتىن پۈتۈن جەريانلىق، ھەرقايسى ھالقىلار بويىچە رەقەملىشىش، ئەقلىيلىشىشكە ھالقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئەقلىيلەشكەن، يېشىللاشقان، يۇغۇرما تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ