
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 3-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، بىر مۇخبىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى.
لىن جيەن: دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە تەڭداشسىز ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى توغرىسىدا ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ