
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 3-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىران ئۇرۇشى توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇشنىڭ ئارقىغا سوزۇلۇشىنىڭ ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۇ ئۇرۇش داۋاملىشىۋەرسە، تېخىمۇ كۆپ تالاپەت ۋە ئورۇنسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىپ، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە پائال نەسىھەت قىلىپ، تىنچلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئۆچۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. بىز ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر ئوخشاش يۆنىلىشتە مېڭىپ، ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك، سەمىمىي تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ