
كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق كۆپ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەپ، ئىممۇنىتېت توسۇقىنى مۇستەھكەملەشنى مۇراجىئەت قىلدى.
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى كېسەللىك ۋاسىتىسى بىيولوگىيە ئىلمىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى ليۇ چىيۇڭ مۇنداق دېدى: بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار قول-پۇت-ئېغىز كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى، EV71 ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملەش قول-پۇت-ئېغىز كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. قوغداش رولىنى بالدۇرراق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا بالدۇرراق ۋاكسىنا ئەملەشنى تەۋسىيە قىلىمىز، 12 ئايلىقتىن بۇرۇن پۈتۈن جەريانلىق ۋاكسىنا ئەملەشنى تاماملاشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ