شىنجاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېڭىلاندى!

شىنجاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى يېڭىلىققا دىققەت قىلىڭ

2026.03.26 15:40 مەنبە: خەلق تورى

چۇڭچىڭدىن تۇرپانغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، «چۇڭچىڭ شەھىرى تۇرپان بىلەن ئۇچرىشىش. شېرىن يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى» مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىقتىساد-سودىنى ئۇنىۋېرسال تونۇشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى چۇڭچىڭ شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى، تۇرپان چۇڭچىڭ خەلقىگە باھار تەكلىپى ئەۋەتتى. چۇڭچىڭدىن تۇرپانغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي ئېچىلىپ، ئىككى جايدىكى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ قولاي سەپەر تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان 8/PN 6467 بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىش پىلانلاندى.

چۆچەكتىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ

3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، چۆچەكتىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان چۆچەكتىن سائەت 18:10دا ئۇچۇپ، سائەت 22:40تا بېيجىڭغا يېتىپ بارىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان بېيجىڭدىن سائەت 11:20دە ئۇچۇپ، سائەت 17:20 دە چۆچەككە يېتىپ بارىدىكەن.

ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئالمىشىدىغان يولۇچىلارنىڭ «بىر بېكەتتىنلا بىۋاسىتە بېرىش»ى ئىشقا ئېشىپ، تاق يۆنىلىشلىك سەپەرگە كېتىدىغان ۋاقىت زور دەرىجىدە قىسقىرايدىكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىككى جايدىكى يولۇچىلارنىڭ بېرىش-كېلىشى، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ قولاي بوشلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ