تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈلگىسى بەرپا قىلايلى

−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى

2026.03.26 15:30 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرى

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەركەزلىك ئۈستىگە ئالىدىغان جاي بولۇشتەك باش فۇنكسىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئامىل بايلىقىنى مۇۋاپىق توپلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭى رايوننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈلگىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئۈستىگە ئېلىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

«بىز بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى مەھكەم تۇتۇپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ، پىلان بويىچە مەركەز كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورۇنلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان خادىملارنى شيۇڭئەندە ئېلىپ قېلىشقا، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللاپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈپ ھەم راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى رايوننىڭ ئاۋاتلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.» دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايونلار ماس تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ۋۇ شۇلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەم-كوتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەركىزىي رايون ئىشخانىسىنىڭ كونكرېت خىزمەت ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى تۇتىمىز.

كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ، ماشىنىلار گۈرۈلدىمەكتە. تۇنجى تۈركۈمدىكى تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان بېيجىڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا تەخمىنەن 900 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەردە ئىش باشلاندى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق.» بېيجىڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇش تۈرى قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش قوماندان سۇ دۇڭ ھەسسىلەپ روھلاندى، «بىز تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، شيۇڭئەندە يىلتىز تارتقان، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن دۇنيادا 1-قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ رايونى قۇرۇپ چىقىمىز.»

«بالام بېيجىڭ 4-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونىدا ئوقۇيدۇ، مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ باش شۇجىنىڭ مەكتەپكە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بىز ھەممىمىز شيۇڭئەنلىكلەردىن بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.» شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا كەلگىنىگە يېرىم يىلدىن ئاشقاندا، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى دىڭ خۇەيگاڭ بۇ مېھىرلىك تۇپراققا بارغانسېرى ئىشتىياق باغلىدى، «مۇكەممەل مۇلازىمەت كاپالىتى، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت بىزنىڭ شيۇڭئەندە يىلتىز تارتىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.»

2023-يىلىدىن بۇيان، شيۇڭئەن يېڭى رايونى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 2-، 3-دەرىجىلىك تارماق شىركىتىدىن 146نى يېڭىدىن كىرگۈزدى، مەركەز كارخانىلىرى تۈرلۈك تارماق ئاپپاراتتىن جەمئىي 400 دىن ئارتۇقنى تەسىس قىلدى. «تارقاقلاشتۇرۇلغان خادىملار ئەسلىدىكى <ھەپتە ئاخىرىدا بېيجىڭغا قايتىش>تىن ھازىرقى <ئائىلىسىدىكىلەر شيۇڭئەنگە كېلىش>كىچە، فۇنكسىيەنى <ھەقىقىي تارقاقلاشتۇرۇش>، تۈرلەرنى <ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش>، ئىختىساسلىقلارنى <ھەقىقىي ئېلىپ قېلىش>نى ئىشقا ئاشۇردى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.» شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى خەن دېچياڭ سان-ساناقسىز ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ خۇشال بولدى، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىز ئەمەلىي گەۋدىلەشكەن، تورلاشقان مۇلازىمەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تارقاقلاشتۇرۇش مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز.»

يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىر پارچە يەردىن بىر پارچە خەرىتىگە ئېلىنىپ، ئاندىن بىر شەھەرگە ئايلىنىپ، بىر زامانىۋى يېڭى شەھەر قەد كۆتۈردى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلىرىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.» شيۇڭئەن يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ گويى مۇنداق بىلدۈردى: «بىز خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، رەقەملىشىش، ئەقلىيلىشىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇش بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيە، ئەندىزە، ۋاسىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز.»

بىنانىڭ سىرتقى تىك يۈزىنى يېپىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئىككىنچى قېتىم قوپۇرۇش، ماشىنا ـ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىقلار تېز ئالغا سىلجىتىلدى. ..جۇڭگو شيۇڭئەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇشقا مەسئۇل بولغان خەلقئارا سودا مەركىزى تەۋەلىك رايونى تېز «ئۆسۈپ يېتىلدى». شىركەت پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور جاڭ ياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىز چوقۇم تىرىشىپ <شيۇڭئەن سۈپىتى>نى يارىتىپ، قۇرۇلۇش تەپسىلاتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىگىلەپ، يىللىق نىشان ـ ۋەزىپە ۋە مۇھىم تۈگۈنگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»

چۈشكە يېقىن، شيۇڭئەن يېڭى رايونى رۇڭدۇڭ تەۋەلىك رايونى نەنۋېنيىڭ مەھەللە ئاشخانىسىدا تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارالدى. «ھەربىر مەھەللە ئاھالىسى شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەردۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىز پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېڭى رايوننى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، دائىرىلەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش بىلەن ئاقىل شەھەر باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى نەنۋېنيىڭ مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيشياۋ.

بەيياڭديەن كۆلى سۇ سۈپىتىنىڭ ناچار Ⅴ تۈردىن ئۇدا بەش يىل Ⅲ تۈردىكى ھالقىشنى ساقلىشىغا گۇۋاھ بولغان شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئەنشىن ناھىيەلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى مۇھىت كۆزىتىش ـ ئۆلچەش پونكىتىنىڭ باشلىقى ليۇ دۇڭمېي تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «داۋاملىق بەيياڭديەن كۆلىدىكى ياخشى <سۇ دوختۇرى> بولۇپ، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شيۇڭئەن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.»

ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

«ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇرى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، رەقەملىك پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى 200 دىن ئارتۇق كارخانا ماكانلاشتى، ئالتە چوڭ كەسىپ توپلانغان رايون غەيرەت-شىجائەتكە تولدى.» شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئىسلاھات-تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش پەن-تېخنىكا سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يەنۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىز مەركەز كارخانىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى يېتىلدۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇرى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش شەكلىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز.»

شيۇڭئەن يېڭى رايونى جۇڭگۇەنسۈن پەن-تېخنىكا باغچىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىسىدىن 268 ى توپلاندى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى <بېيجىڭدا تەتقىق قىلىپ يارىتىپ، شيۇڭئەندە ئايلاندۇرۇش>تىن ئىبارەت ماسلاشتۇرۇش يولىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» شيۇڭئەن يېڭى رايونى جۇڭگۇەنسۈن پەن-تېخنىكا باغچىسىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى خاۋ شياۋلېنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى، «بىز يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ شيۇڭئەندە قوللىنىش ئورنى تېپىپ، ئايلىنىشنى تاماملىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرىمىز.»

«<يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ توپلاشما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش>، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزى ئىشەنچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. » لەنجيەن خۇڭچىڭ (شيۇڭئەن) بوشلۇق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شى ياۋجۇڭ ھازىر سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، ياساشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا چىڭ كۆز تىكمەكتە ئىدى، «شىركىتىمىزنىڭ تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى <شيۇڭئەن 1 ـ نومۇر> بۇ يىل 2 -پەسىلدە قويۇپ بېرىلىپ بوشلۇققا چىقىرىلىدۇ، كەلگۈسىدە شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا قۇرۇلۇۋاتقان سۈنئىي ھەمراھ ئاممىۋى سىناق سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە، بىز تەتقىق قىلىپ يارىتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ سۈنئىي ھەمراھلارنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىمىز. »

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، شيۇڭئەن يېڭى رايونى «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. شيۇڭئەن يېڭى رايونلۇق تىجارەت-سودا مۇھىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ لىچۈن مۇنداق دېدى: «بىز < ھەربىر ئىشنى توسالغۇسىز ياخشى بېجىرىش>نى تۇتقا قىلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە سالماق بىلەن تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك

خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىجۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر، خېبېي ئۆلكىسى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىز ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز.»

بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شيۇلىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مەركەز قارىمىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي دۆلەتلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى شيۇڭئەن مەركىزىنىڭ سۇپىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ-شيۇڭئەن يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى كارىدورى بەرپا قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقى بىلەن شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئۇدۇللىشىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شيۇڭئەن بىلەن بېيجىڭنىڭ تېز سۈرئەتلىك رېلىسلىق ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.

تيەنجىن شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ جۈن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، بىز بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-شيۇڭئەن رايونىدىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش دېلتىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، تيەنجىن 1-ئوتتۇرا مەكتىپى، تيەنجىن تېببىي داشۆسى باش دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ، داۋالاش بايلىقلىرىنىڭ شيۇڭئەنگە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مۇنەۋۋەر كادىرلار، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ شيۇڭئەننىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ماس تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەڭ كارخانا ۋە ئاممىغا نەپ يەتكۈزىمىز.»

شيۇڭئەن يېڭى رايونى رۇڭدۇڭ تەۋەلىك رايونى ۋاڭديەن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چېڭلۇڭنىڭ «خەلق ئەھۋالى خاتىرىسى»دە قايسى ياشانغان كىشىنىڭ تاماق يەتكۈزۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، قايسى ئۆينىڭ يۇندى يولىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش كېرەكلىكى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەنىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، «پارتىيەلىك كادىر بولغان ئادەم ئاممىنىڭ <كىچىك ئىشى>نى ئۆزىنىڭ <چوڭ ئىشى> دەپ بىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ قىممەت يۈزلىنىشى قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە رازى بولغۇدەك جاۋاب قەغىزى بېرىشى كېرەك.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ