ئاقساراي: بۇ ھەپتە ئىران تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان-ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىمىزنى جەزملەشتۈرمەيمىز

2026.03.24 14:27 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاقساراي بۇ ھەپتە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىران ياكى ۋاسىتىچى تەرەپ بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان-ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى كارولىن لېۋىت مۇنداق دېدى: ئالاقىدار دىپلوماتىك مۇزاكىرە سەزگۈر ئىشلارغا تەۋە بولۇپ، تاراتقۇلار ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرمايمىز، نۆۋەتتە ۋەزىيەت يەنىلا ئۆزگىرىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ