ئىران ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئالتە تۈرلۈك شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2026.03.23 15:38 مەنبە: خەلق تورى

ئىران تەرەپنىڭ 22-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بەزى ياراشتۇرغۇچى تەرەپلەرنىڭ ئىرانغا ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، لېكىن ئىراننىڭ چوقۇم قاندۇرۇش شەرت بولغان ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئالتە شەرت ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، ئۇرۇشنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

ئىككىنچى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش؛

ئۈچىنچى، تاجاۋۇزچى تەرەپ ئىرانغا تۆلەم تۆلەش؛

تۆتىنچى، شۇ رايوندىكى بارلىق ئۇرۇش سەپلىرىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

بەشىنچى، ھورمۇز بوغۇزى توغرىسىدا يېڭى قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛

ئالتىنچى، ئىرانغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاراتقۇ خادىملىرىنى سوت قىلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش.

بۇ ئەمەلدار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ھەربىي ۋەزىيەت ئاساسىدا، ئىران تەرەپ يېقىنقى مەزگىلدە ئۇرۇش توختىمايدۇ، «تاجاۋۇزچىلارنى تارىخىي ساۋاقلارنى قوبۇل قىلمىغۇچە داۋاملىق جازالايدۇ» دەپ قارايدۇ.

بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى «مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئۇرۇش» رامكىسى ئىچىدە قوللانغان ھەرىكىتى نەچچە ئاي ئىلگىرى تۈزۈلگەن بىر تۈرلۈك پىلاننى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ پىلان باسقۇچقا بۆلۈپ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ