
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەربىي ئاسىيا ئىقتىساد، جەمئىيەت كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان قىسقا خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشى پۈتكۈل ئەرەب رايونىنى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتتى، ئەگەر توقۇنۇش ۋاقتى بىر ئاي داۋاملاشسا، زىيان 150 مىليارد دوللارغا يېتىپ، رايون ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ %3.7ىنى ئىگىلىشى مۇمكىن.
قىسقا خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلىنىشىچە، ئەرەب رايونىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇچرىغان زىيىنى تەخمىنەن 63 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زەربە ئېنېرگىيە، سودا، ئاۋىياتسىيە ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە تەسىر كۆرسەتكەن. قىسقا خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر ھورموز بوغۇزىنىڭ سۇ تىرانسپورت مىقدارى %97 تۆۋەنلىگەن، ھەر كۈنى توسالغۇغا ئۇچرىغان يۈك تىرانسپورت كۆلىمى تەخمىنەن 2 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، ئەرەب رايونىدىكى توققۇز ئاساسلىق ئايرودۇرۇمدا جەمئىي 19 مىڭغا يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تەخمىنەن 1 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىمى زىيانغا ئۇچرىغان. قىسقا خەۋەرلەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى توقۇنۇش كەسكىنلىشىشتىن بۇرۇن، ئەرەب رايونىنىڭ ئىقتىسادى بىرقەدەر ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، تەخمىنەن 210 مىليون ئادەم توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايوندا ياشايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 82 مىليون ئادەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ