جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى

2026.03.23 15:36 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، 40 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يىغىندا جۇڭگو شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش جەريانىدىكى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ئورتاقلىشىپ، دوستلۇق رىشتىسىنى ئورتاق بايان قىلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سوھەيل خان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: چېگرا پورتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ھەمدە يېڭى تىرانسپورت يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنى ياۋروپا-ئاسىيا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىگە ئايلاندۇرماقتا.

كامېروننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارتىن مپانا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قۇملۇق يېزا ئىگىلىكى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە توپلىغان مول تەجرىبىلىرى كامېروننى قىممەتلىك ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىلگىرى، ئەزىز مېھمانلار شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. جانلىق سۈرەتلەردە شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئەكس ئەتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ