
3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بورتالا ئالاتاۋ ئايرودۇرۇمى بىلەن بىرلىكتە «تۇنجى قېتىم ئولتۇرۇش ئاممىۋى پاراۋانلىق سەپىرى، بۇلۇتلار ئارىسىدىن يۇرتنى كۆرۈش» تېمىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئۇچۇش پائالىيىتىنى باشلاپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاممىنى ئايروپىلانغا ھەقسىز ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، بوشلۇقتىن نەزەر سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
بورتالا ئوبلاستى تەۋەسىدىن بولسىلا، بورتالا ئالاتاۋ ئايرودۇرۇمىدا ھەقسىز ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنى ھېس قىلماقچى بولغان ئامما بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشسا بولىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەت 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ھەر كۈنى ئۇچۇشنى سىناق قىلىش ئۆمىكى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، ھەربىر ئۆمەكتە ئادەم سانىغا 30 دىن چەك قويۇلىدىكەن. پائالىيەت مەزگىلىدە بورتالادىن قاراماي، ئالتايغا قاتنايدىغان ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىردىن نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى قالدۇق ئورۇن ئەھۋالىغا ئاساسەن سىناپ ئۇچۇش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، تىزىملىتىش ۋاقتى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشنىڭ ئالدىنقى كۈنى سائەت 17:00 گىچە بولىدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:

پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى تەپسىلىي پائالىيەت قائىدىسى تۈزدى. پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ئاھالىلەر ئۈچ ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان ياش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ھەمدە بەدىنىدە ئېغىر كېسەللىك بولماسلىقى كېرەك. پائالىيەتتە ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، قاتناشقۇچىلاردىن پائالىيەت قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، ئايروپىلانغا كېچىكىپ قېلىش ياكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى مەكتەپ، يەسلى، ئورۇنلارنى ئاۋىياتسىيەدە ھېس قىلىش، تەتقىق قىلىش-ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ئامما ياكى ئورۇنلار مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 13239040220، 15099499607 گە تېلېفون قىلىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ