
گېزىتىمىز مۇخبىرى يۈەن تاۋشيۇڭ «خەلق گېزىتى»
كىم ئۈچۈن دېگەن مەسىلە سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ، بىر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتىنى سىنايدۇ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ تۈپ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«كوممۇنىستلار خەلققە بەخت يارىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە ئىكەنلىكىنى جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلىشى شەرت.» بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم مۇنداق تاپىلىدى:«ئەستايىدىل ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.»
خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتىنى نامايان قىلدى.
«جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، پارتىيەمىزنىڭ باشقا بارلىق پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان تۈپ بەلگىسى.»
خەلققە بەخت يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي ئېغىشماس ئىنتىلىشى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، شەنشى يەنچۇەندىكى لياڭجياخې كەنتىگە چۈشكەندە، «خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش» ئېتىقادى ياش شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقانىدى.
«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» 2012-يىل 11-ئايدا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان بۇ چوڭقۇر ھېسسىياتلىق سۆزى ھازىرغىچە يۈز مىليونلىغان جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىنى ئىللىتماقتا.
خەلق رايى ‐ ئەڭ زور سىياسىيدۇر. خەلققە بەخت يارىتىشتا، باشتىن-ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەللەر داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەر ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئاجىزلار يار-يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش... يېڭى دەۋردىن بۇيان، خەلقنىڭ ئويلىغانلىرى ۋە ئۈمىدى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىگە ئورناپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىگە سىڭدۈرۈلدى.
«باش شۇجى، سىز ئادەتتە شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ، يەنە بىزنى يوقلاپ كەپسىز، سىزگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت.» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:«مەن مۇشۇ ئىشلار بىلەن ئالدىراش، ‹دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى› دەل خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدۇر.»
خەلققە زىچ تايىنىپ سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، خەلق ئاممىسىدىن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەت ئالدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش كېرەك.»
20 نەچچە يىل ئىلگىرىكى «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نىڭ دۇنياغا كېلىش جەريانى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر كىشىلەرگە چوڭقۇر ئىلھام بېغىشلاپ كەلمەكتە−
جېجياڭغا يېڭى كېلىپ خىزمەتكە چۈشكەندە، بىرەيلەن يولداش شى جىنپىڭنى «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پىروگراممىسى» توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مەن ئەمدىلا كەلدىم، تېخى سۆز قىلىش ھوقۇقۇم يوق. مەن ۋاقتى كەلگەندە سۆزلەي.»
ئەمەلىي ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، يولداش شى جىنپىڭ 11 شەھەر، 69 ناھىيە (شەھەر، رايون) نى بىر قېتىم ئايلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدى، مۇشۇ ئاساستا سىستېمىلىق پىلانلانغان «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى» كېيىنكىلەرگە نەپ يەتكۈزدى.
يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، باش شۇجى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوننى ئايلىنىپ چىقىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا يېتەكلىدى؛ بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، باش شۇجى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى يىمىرىلمەس، نۇقسانسىز ئىشلەش شەرت» دەپ تەكىتلىدى؛ بۇ يىل دائىملىق يار-يۆلەك بولۇشقا يۈزلەنگەن تۇنجى يىل بولۇپ، باش شۇجى «دائىملىق يار-يۆلەك بولۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش»نى تەلەپ قىلدى.
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىشى، جەزمەن خەلققە چىڭ تايىنىپ، خەلق ئارىسىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئاندىن يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.» يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن-ئاخىر خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، خەلققە تايىنىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ خەلقچىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى مىسلىسىز ئۇرغۇتتى.
باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلققە ياققىنى ئالتۇندىن ئەلا، ئامما ياخشى دېگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ياخشى بولغان بولىدۇ.» «كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە، ئاچقۇچلۇقى پۇقرالارنىڭ باھاسىنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك.»
باش شۇجى جياۋ يۈلۇ بىلەن گۇ ۋېنچاڭدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىنى دائىم تىلغا ئالاتتى. پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقى، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى كۆڭلىگە پۈككەن جياۋ يۈلۇ خېنەن لەنكاۋدا، گۇ ۋېنچاڭ فۇجيەن دۇڭشەندە قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرۇپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلىدى. بۈگۈنگە قەدەر، لەنكاۋلىقلار «چىنار دەرىخىنى كۆرگەندە، جياۋ يۈلۇنى ئەسلەيدۇ»، دۇڭشەنلىكلەر «ئالدى بىلەن گۇ ۋېنچاڭغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئاتا-بوۋىسىغا تەزىم قىلىدۇ.»
تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلغاندا، سىياسىي نەتىجىنىڭ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدىغان-ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى يەنە «ماسلىق دەرىجىسى»دىن ئىبارەت بۇ ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېقىش كېرەك. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ «يىل بېشىدىكى تۇنجى دەرس»ىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە «سېلىنما، ھاسىلات ھېساباتىنى قىلىپ، ماسلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش»نى ئەسكەرتتى. ماسلىق دەرىجىسى ئىقتىسادىي قانۇنىيەتتىكى بىر كۆرۈش بۇلۇڭى، شۇنداقلا «قانداق سىياسىي نەتىجە يارىتىش»تىكى ئۆلچەم. تەدبىر ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلمىغان، باسقۇچتىن ھالقىپ كەتمىگەندىلا، ئاندىن خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتىپ، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«تەدبىرنىڭ ئىلمىي بولغان-بولمىغانلىقىنى ئۆلچەشتە، نېگىزىدىن ئېيتقاندا خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكىگە، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. بېشىغا ئۇرۇپ تەدبىر بەلگىلەش، مەيدىسىگە ئۇرۇپ ئىپادە بىلدۈرۈش، پېشىگە ئۇرۇپ كەتكۈزۈۋېتىشتەك ئاشۇنداق ‹ئۈچ قېتىم ئۇرۇش› ھادىسىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك».
تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا نەزەر سالدى. 2020-يىلى 10-ئاي، گۇاڭدۇڭ چاۋجوۋ، گۇاڭجى راۋىقىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:«ھەربىر دەۋردە شۇ دەۋرنىڭ ئىشىنى قىلىش كېرەك. ياخشى ياكى يامان قىلغان، تۆھپىسى زور ياكى كىچىك بولغانلىقىغا تارىخ باھا بېرىدۇ!»
بۇ يىل باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:«‹15-بەش يىل›لىق يىرىك پىلان باشلىنىپ قەدەم ئېلىندى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى، غەيرىتى تولۇپ تاشقان بولۇشى ياخشى ئىش، ئاچقۇچلۇقى سىياسىي نەتىجە قارىشى چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك.»
«ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكەندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ