خەلقنى باشتىن-ئاخىر قەلبنىڭ تۆرىگە قويۇش (ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش)

− خاڭجوۋ شىخۇ كۆلىنى «خەلققە قايتۇرۇپ بېرىش»تىن خەلققە بەخت يارىتىشقا نەزەر

2026.03.20 14:51 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى شى يىچى، ليۇ جۈنگو «خەلق گېزىتى»

باھار شامىلى شىخۇ كۆلىنى سىيپاپ ئۆتەتتى، كۆل بويىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، مەجنۇنتاللار تاشلىنىپ، بۇلبۇللار سايرىشىپ تۇراتتى، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ، باھار سەيلىسى قىلغىلى كەلمەكتە ئىدى.

كىشىلەر 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، جېجياڭ خاڭجوۋدىكى شىخۇ كۆلىنىڭ بېلەت سېتىۋېلىپ كىرىدىغان مەنزىرە رايونى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى: كۆلىمى كىچىكلەپ كەتكەن، كۆل سۈيى بۇلغانغان، ئەتراپتىكى ئىمارەتلەر ئىگىلىۋېلىنغان، ئۇسلۇبى رەتسىز بولۇپ، قالايمىقان، كونا كۆرۈنەتتى.

2002 ـ يىلى، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، تۈرتكە بولۇشى بىلەن، شىخۇ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال قوغداش قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، كۆل ئايلانما باغچىسى ئارقا ـ ئارقىدىن ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

«كوممۇنىستلار خەلققە بەخت يارىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە ئىكەنلىكىنى جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەك. » ھازىر، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە، «كۆلنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىش» ھېكايىسىنى قايتا ئەسلىگەندە، ئاشۇ چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

چىن ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلىش

«ئەينى يىللىرى دەل مۇشۇ يەردە بىز 300 كۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، 300 يىللىق تارىخنى < قايتۇرۇپ كەلدۇق >.» خاڭجوۋ شىخۇ داڭلىق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى جاڭ جيەنتىڭ مۇخبىرلارنى باشلاپ ياڭگۇڭدىغا كېلىپ، 2002-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنىنى ئەسلىدى. شۇ كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ خاڭجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا تۇنجى بېكەتتىلا شىخۇ كۆلىگە كەلگەنىدى.

ئاشۇ چاغدىكى شىخۇ كۆلىنىڭ سۇ كۆلىمى زور دەرىجىدە كىچىكلەپ، 300 يىل بۇرۇنقى ھالەتكە قايتقان بولۇپ، «شىخۇ كۆلىدىكى ئون مەنزىرە» كەمتۈك ئىدى. شىخۇ كۆلىنىڭ مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىش خاڭجوۋ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن كۈتىدىغان ئارزۇسى ئىدى.

يولداش شى جىنپىڭ ياڭگۇڭدى مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا تۇرۇپ، يىرىك پىلان چېرتيوژىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى. «شى شۇجى كۆپچىلىككە: شىخۇ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال قوغداش قۇرۇلۇشى ياخشى سىياسەت، ياخشى ئىش، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان تەدبىر، دېدى. بۇ سۆز كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتتى، ئۈچ كۈندىن كېيىن قۇرۇلۇشتا رەسمىي ئىش باشلاندى» دېدى جاڭ جيەنتىڭ.

شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، شىخۇ كۆلىنىڭ 180 دىن ئارتۇق جايدىكى تارىخىي مەدەنىيەت مەنزىرىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، سۇ رايونى كۆلىمى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، «بىر كۆلدە قوش مۇنار ئەكس ئەتتى، ئۈچ توسمىدا زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇردى». 2003 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، كۆلنى چۆرىدىگەن بارلىق باغچىلار پۈتۈنلەي ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، شىخۇ مەنزىرە رايونىمۇ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ قالدى.

«كادىرلار چىن ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلسا، ئاممىنىڭ تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ. » جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چيەن ئاڭ مۇنداق دېدى: خەلققە بەخت يارىتىش قەغەزگە يېزىلغان شوئار ئەمەس، بەلكى قەلبكە ئويۇلغان ئىللىقلىق.

بۇ خىل ئىللىقلىق ئىنچىكە ھالقىلارغا يوشۇرۇنغان. ياڭگۇڭدىدىن چۈشكەندە، يولنىڭ ئۇدۇلىدا بىر ئاممىۋى ھاجەتخانا بار. خاڭجوۋ شىخۇ كۆلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش-باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى ياڭ شياۋرۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىمۇ ھېكايە بار. » ئەينى يىلى شىخۇ كۆلى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاممىۋى ھاجەتخانىلار قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا تاقىلىدىغان بولۇپ، كەچتە سەيلە قىلغىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىگە ئىنتايىن قولايسىز بولۇپ قالغانىدى، «شى شۇجى ئۇدۇللا قىلىپ: بۇ پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن شىخۇ كۆلى بويىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ ھەممىسى 24 سائەت ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى» دېدى ياڭ شياۋرۇ.

ئىشىكنى تاقاش بىر خىل باشقۇرۇش، ئىشىكنى ئېچىش بىر خىل مۇلازىمەت. بىر ئاددىي تاللاش كىشىلەرنىڭ قەلبىدە خەلق ئاممىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئەكس ئەتكۈزىدۇ. مۇشۇ يىللاردا، خاڭجوۋ شەھىرى بۇ «ھېسسىيات» بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ قاتنىشىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، «مەنزىرە رايونىدىكى كەنت»لەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچ چىقىرىپ، ئاممىنىڭ تەسىراتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى.

مەدەنىيەت مىراسلىرى بارلىق خەلققە مەنسۇپ.

شىخۇ كۆلىنى «خەلققە قايتۇرۇپ بېرىش»تە، كۆلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنىلا قايتۇرۇپ بېرىش كۇپايە قىلمايدۇ.

2002-يىلىدىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم شىخۇ كۆلىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەزەرى تاغ-دەريالار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى تاغ-دەريالار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت تومۇرىغا تىكىلدى.

«شى شۇجى قۇرۇلۇشتا ھەمىشە يېڭىلىقنىلا قوغلاشماسلىقنى، ھەقىقىي جەلپكارلىققا ئىگە < كونا > نەرسىلەرنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. » جاڭ جيەنتىڭ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدىن باشلاپ، شى شۇجى شىخۇ كۆلىنى قوغداش ۋە ئېچىشنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى.»

قانداق قىلغاندا مەدەنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلغىلى بولىدۇ؟

«شى شۇجى مۇشۇنداق بىر سورۇن ئارقىلىق شىخۇ كۆلىنىڭ چوڭقۇر ئادىمىيەت ۋە تەبىئەت ئاساسىنى مەركەزلىك نامايان قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا، 2003 ـ يىلى ئەينى چاغدىكى خاڭجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، شىخۇ مۇزېيى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. » شىخۇ مۇزېيىنىڭ ئالدىدا، خاڭجوۋ شىخۇ مۇزېيىنىڭ باش مۇزېي باشلىقى پەن ساڭساڭ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى، «كېيىن شى شۇجى شىخۇ مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، نۇرغۇن يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىخۇ مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى شىخۇ كۆلىنىڭ خاسلىقىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.»

بۇ ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىخۇ مۇزېيى شىخۇ مەدەنىيىتىگە يېقىنلىشىدىغان ئىشىككە ئايلاندى. ھەر كۈنى شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە تارىخقا نەزەر سېلىپ، شەھەرنى چۈشىنىدىغان بولدى.

«مەدەنىيەت مىراسلىرى بارلىق خەلققە مەنسۇپ. كۆلنى خەلققە قايتۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئاممىۋى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، ھەم ئاممىغا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلدۇق، ھەم خاڭجوۋدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنىڭ < روھى > نى قايتا يارىتىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ياخشى باھاغا ئېرىشىدىغان، شەھەر تەرەققىي قىلىدىغان، پۇقرالار ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولىدىغان يېڭى يولنى تېپىپ چىقتۇق» دېدى جېجياڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت، رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر چېن گۇاڭشېڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، شىخۇ كۆلىگە كەلگەن كىشىلەر تېخىمۇ مول بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولىدىغان بولدى. تەيزىۋەن باغچىسىدىن ئۆتكەندە، باغچىدا 400 مىڭ تۈپ كۈركۈم گۈلى پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، ياشانغانلار بالىلىرىنى يېتىلەپ گۈل تۈرى بىلەن تونۇشۇۋاتاتتى، ياشلار فوتو ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈپ گۈلدىن خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى، ئاشىق-مەشۇقلار پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىۋاتاتتى...«ھەر يىلى نۇرغۇن كىشى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدۇ» دېدى خاڭجوۋ شىخۇ داڭلىق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې لېي.

قەلبىگە پۇقرالارنى پۈكمىگەندە «ئەمەلدار» بولغىلى بولمايدۇ

شىخۇ كۆلى بويىدا، خۇپەنجۈ چايخانىسى بىر بۇلۇڭدا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئاددىي-ساددا، كۆركەم بېزەلگەنىدى. «بۇ يەر ئىلگىرى كىشى بېشى ئىستېمالى 1000 يۈەندىن ئاشىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئارامگاھ بولۇپ، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا ئېچىۋېتىلگەنىدى» دېدى خۇپەنجۈ چايخانىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ ۋېي.

2014-يىلى، خاڭجوۋ شەھىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئارامخانىدىكى ناچار ئىستىل»نى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى. شىخۇ كۆلى بويىدىكى 30 نەچچە ئالىي دەرىجىلىك تىجارەت ئورنى پۈتۈنلەي تاقىلىپ، بەس-بەستە تىپ ئۆزگەرتتى.

ھازىرقى كۆل بويىدىكى تۇرالغۇلارنىڭ يۈرۈشلۈك تاماق جەدۋىلىدە ناشتىلىق چاينىڭ باھاسى بىر يۈەن، بىر چىنە چۆپنىڭ باھاسى ئون يۈەن، چۈشلۈك تاماقتا ئۇن، گۈرۈچ، پېچىنە ـ پىرەنىك قاتارلىق 20 نەچچە خىل تۈر بار. «بىز ئىستېمال قىلغىلى كەلگەن كىشىلەرنى شەھەر مەدەنىيەت ئەسلىمىسى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يەردە چاي بولۇپلا قالماي، يەنە ھەقىقىي بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەمىمۇ بار» دېدى ياڭ ۋېي.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: < ئاممىۋى بايلىقنى ئاز ساندىكى كىشىلەر مونوپول قىلىۋېلىپ بەھرىمەن بولسا بولمايدۇ، ناتوغرا ئىستىللارنى پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. >» خاڭجوۋ شەھىرى گۇڭشۇ رايونى شاڭتاڭ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇگې جيەنچىڭ مۇنداق دېدى: «< ئارامخانىدىكى ناچار ئىستىل > نى تۈزەش ئىستىلدىكى جاھىل كېسەلگە بىۋاسىتە زەربە بەردى. ئارامخانىنى تاقاپ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە، تاقىۋېتىلگىنى ھەشەمەتچىلىك ئىستىلى، ئېچىلغىنى خەلققە يېقىن دەرۋازا بولدى. ھازىر، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر دۇكانغا كىرىپ ئىستېمال قىلغاچ، چاي ئىچكەچ پاراڭلىشالايدۇ، يەنە دېرىزىدىن كۆل مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدۇ، كۆلنى خەلققە قايتۇرۇش، مەنزىرىنى خەلققە قايتۇرۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.»

«كۆلنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىش پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى ئەڭ جانلىق ئەمەلىيەت ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلىدى.» خاڭجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: «< ئەمەلدار > بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكمەسلىك» دېگەن ماقالە مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، «پۇقرالارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش پارتىيەنىڭ ئىشى، ئاممىنىڭ ياخشى دېگىنى ھەقىقىي ياخشى بولغانلىق. تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە بەخت يارىتىشتا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ خاڭجوۋغا قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرىمىز.»

«كۆلنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىش» ھېكايىسى شىخۇ كۆلى بويىدا ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا تارقالدى. باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى قەلبنىڭ تۆرىگە قويۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش يېڭى سەپەردىكى ھەربىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ