
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مۇنداق سورىدى: ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ دۇنياۋى تەھدىت توغرىسىدىكى بىر پارچە يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نۆۋەتتە «2027-يىلى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى» يوق بولۇپ، يەنىلا ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋالدا غەيرىي قورال كۈچى ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مايىل ئىكەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، تەيۋەن مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش پۈتۈنلەي جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆز-ھەرىكىتىدە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى ۋە زاتلىرى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە سوغۇق ئۇرۇش، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭگوغا بولغان تونۇشىنى توغرىلاپ، «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى»نى كۆپتۈرۈشنى توختىتىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ