
يېقىندا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىدە يەنە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، سىچۈەننىڭ ميەننىڭ، گەنسۇنىڭ داڭچاڭدا سىرەك توپا، فىتورىت، بارىت، سۈرمە قاتارلىق قاتتىق قېزىلما بايلىقلار بايقالغان.
ئىگىلىنىشىچە، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىدە يارقىن نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلغان: يۈز مىليون تونناژلىق 7-نېفىتلىك، 19 چوڭ تىپتىكى گازلىق يېڭىدىن بايقالغان، ئۇران، مىس، ئالتۇن، لىتىي، كالىي تۇزى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىقلارنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان، شىزاڭدىكى يۈز مىليون تونناژلىق مىس كېنى، شەندۇڭ لەيجوۋ شىلىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ ئالتۇن كېنى، سىچۈەن ياجياڭدىكى ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە لىتىي كېنى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۇنياۋى بايلىق بازىلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايقالغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ