
2026-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 26-قېتىملىق مەملىكەتلىك جىگەرنى ئاسراش كۈنى، بۇ يىللىق باش تېما «جىگەر قېتىشىشنى تىزگىنلەپ، جىگەر راكىدىن يىراق تۇرۇش». جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لىن بىڭلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جىگەرنى ماي قاپلاش «كىچىك مەسىلە» ئەمەس، ئۇ مېتابولىزم قالايمىقانلىشىشنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دائىم دىيابېت كېسىلى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن بىللە يۈز بېرىدۇ. بەدەندىكى مېتابولىزم تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ئىچكى مۇھىت ئۆزگەرگەندە، يەنە ئۆسمە پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
لىن بىڭلياڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كىشىلەر جىگەرنى ماي قاپلاشقا ئومۇميۈزلۈك سەل قاراپ، ئارىلىشىش ھاجەتسىز، دەپ قارايتتى. ھالبۇكى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىشتا كۆرسىتىلىشىچە، قىسمەن بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، جىگەرنى ماي قاپلاشتىن جىگەر تالالىشىشقا، ھەتتا جىگەر راكىغا تەرەققىي قىلىدىكەن.
جىگەرنى ماي قاپلاش بەدەن چىقارغان مۇھىم سىگنال بولۇپ، ئورگانىزمدا مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە يۈرەك قان تومۇرى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، شۇڭا جەزمەن بالدۇرراق ئىلمىي باشقۇرۇش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ