
جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيەسى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يېقىندا يولۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، كۆپ تۈرلۈك بېلەت سېتىۋېلىش كاپالەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.
يولۇچىلار ئىنكاس قىلغان قىسمەن 3-تەرەپ بېلەت سېتىۋېلىش يوللىرىدا بېلەت سېتىۋالغاندا، ئايروپىلان بېلىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باھا قوشۇپ سېتىش، قايتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش ھەققى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى «يولۇچىلار بېلىتىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش»، «بېلەت باھاسى، باج ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويدى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئورگان تەرەپ يولىدا «ئايروپىلان بېلىتىنىڭ راستلىقىنى تەكشۈرۈش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، يولۇچىلار ئايروپىلان بېلىتىنىڭ راست-يالغانلىقى، توغرا باھاسى ۋە قايتۇرۇش-ئۆزگەرتىش قائىدىسىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرەلەيدۇ. شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى مۇنداق بىلدۈردى: يولۇچىلار بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن «东方航空» APP سى ياكى «中国东方航空» ۋېيشىن ئەپچىقى ئارقىلىق يولۇچىلار بېلىتىنىڭ راستلىقىنى تەكشۈرسە، بېلەت باھاسى، باج ھەققىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن. جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى كەڭ يولۇچىلارنى «中国南方航空» APP سى، «中国南方航空» ۋېيشىن ئەپچىقى قاتارلىقلارغا چىقىپ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشقا ياكى ئايروپىلان بېلىتى ئۇچۇرىنى دەلىللەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئەگەر بېلەت باھاسى بىلەن مۇساپە تالونى بىردەك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بايقالسا، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلارنىڭ باھا پەرقىنى تۆلەپ بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ