
روزا ھېيت كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان 2026-يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، روزا ھېيت 3-ئاينىڭ 21-كۈنى (شەنبە) بولۇپ، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى (جۈمە)دىن 22-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تور بېكىتىدە 2026-يىللىق روزا ھېيتلىق تاشيول قاتناش سەپىرى مۇلازىمىتى كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى (روزا ھېيت كۈنى) شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
كونكرېت ھەقسىز ۋاقىت بۆلىكى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 00:00 دىن 24:00 كىچە بولىدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېپىق شەكىلدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ئوچۇق شەكىلدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ