جۇڭگو ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: بېقىش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە ئالدى بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇشنى ئويلىشىش كېرەك

2026.03.19 15:06 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىش خىزمىتى كۆرسەتمىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. بۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ سوت خىزمىتى تۈزۈمىگە قارىتا تۇنجى قېتىم مەخسۇس قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆججىتى تۈزۈپ تارقىتىشى ھېسابلىنىدۇ.

كۆرسەتمە جەمئىي 39 ماددا بولۇپ، ھۆكۈم چىقىرىش قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بېقىش ھوقۇقىنى بېكىتىش جەھەتتە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇشنى ئەڭ مۇھىم ئويلىشىدىغان ئامىل قىلىشنى تەكىتلەپ، سەككىز ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا، يېشى، ئەقلىي ئىقتىدار ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ سوتى 1-كوللېگىيەسىنىڭ 3-دەرىجىلىك ئالىي سودىيەسى يۈ مېڭ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىككى پەرزەنتى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئاجراشقاندا ئاددىي ھالدا ھەربىرىگە بىردىن بالىنى ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ، سوت مەھكىمىسى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق نۇقتىدا تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ