ئەمگەك تالاش-تارتىشى يۈز بەرسە، قەيەرگە بېرىپ مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى جاۋاب بەردى

2026.03.19 15:06 مەنبە: خەلق تورى

ئەمگەك تالاش-تارتىشى يۈز بەرسە، ئالاقىدارلار قايسى مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىغا بېرىپ مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىن سالونى ئارقىلىق جاۋاب بەردى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

تۆۋەندىكى مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىغا بېرىپ مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

1. كارخانىلارنىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش كومىتېتى؛

2. قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاساسىي قاتلام خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى؛

3. يېزا-بازار، كوچا باشقارمىسىدا قۇرۇلغان ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش فۇنكسىيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ