ترامپنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن تەيۋەنگە چوڭ تىپتىكى قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشى مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ئىنكاس قايتۇردى

2026.03.19 15:05 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار توسۇغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى قورال-ياراغلارنى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىش لايىھەسى زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلماقچى بولغان، تىرامپ جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئىمزا قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى چېن بىنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىغا قورال سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز، بۇ مەيدانىمىز ئىزچىل، ئېنىق. ئامېرىكا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوغدىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ