شىنجاڭدا «ئۈچنى تەقدىم قىلىش» پىدائىيلىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بۇلتۇر 184 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلدى

2026.03.18 15:24 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 184 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلغان، 4650 ئادەمنى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش بويىچە تىزىملاپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن، بەدەن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 15 مىڭ 200 كىشىگە يەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئالدىنقى بىر نەچچە يىلغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئېشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ <ئۈچنى تەقدىم قىلىش> خىزمىتىگە قاتنىشىشتا قاراپ تۇرۇش، ئىككىلىنىشتىن نەق مەيداندا تىزىملىتىشقا ئۆزگەرگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى.»

«ئۈچنى تەقدىم قىلىش» ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش، جەسەت ۋە بەدەن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. «ئۈچنى تەقدىم قىلىش» خىزمىتى ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى. ئىلگىرى ئەنئەنىۋى قاراش، خاتا تونۇش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدا «ئۈچنى تەقدىم قىلىش» خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش تەس، قاتنىشىش نىسبىتى تۆۋەن، كېڭەيتىشتە توسالغۇ كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاستا ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ