
تيەنيەنچا خەۋپ-خەتەر ئۇچۇرى تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا باۋباۋ باشى (فۇجيەن) تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى چاكىنا ئېلان تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، فۇجوۋ شەھىرى ساڭشەن رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، قانۇنغا خىلاپ 3.68 يۈەن تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنغان.
نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېلان مەزمۇنى جەمئىيەتتىكى ياخشى كەيپىياتقا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، «باۋباۋ باشى بالىلار ناخشىسى» APP سىنىڭ ئاڭلىغۇچىلار توپى (ئاساسلىقى تۆۋەن ياشلىق بالىلار)غا ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ