
«جۇڭگو دېڭىز ساقچىسى» ۋېيشىن سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، ياپونىيەنىڭ «چاۋۋەن» ناملىق بېلىقچىلىق كېمىسى جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن، جۇڭگونىڭ دېڭىز ساقچى پاراخوتى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا قارىتا زۆرۈر باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغان ھەمدە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوغلىۋەتكەن. دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، بىز ياپونىيە تەرەپنى بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بارلىق ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى دياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھوقۇقنى قوغداش، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ