«ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا چوقۇم توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.03.18 15:16 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز شۈ نو خەۋىرى

«يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بۇ مۇھىم ھۆكۈمى كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنى كۈچلۈك ئورتاق تونۇشقا كەلتۈردى.

«قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ»«خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش»، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمەلىي ئىشلەشنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش بىلەن بىرگە يەنە ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياخشى يىرىك پىلان بىلەن ئىجرا قىلىش كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.» ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ قىممىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ «ئىجرا قىلىش كۈچى» ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىنى سىنايدۇ.

«ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا چوقۇم توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك.» توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەم ئېنىق تەلىپى، ھەم ئىلمىي يېتەكچىلىكى بار.

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

«نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشلارغا قارىتا، دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش، چىڭ تۇتۇپ تېز بېجىرىش كېرەك، ئېزىلەڭگۈلۈك، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرگە قارىتا، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش، تامچە سۇ تاشنى تېشىش روھى بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.» ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا، ھازىر بىلەن ئۇزاق كەلگۈسىنىڭ، تېز بولۇش بىلەن ئاستا بولۇشنىڭ دىيالېكتىكىسىنى باشتىن-ئاخىر ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك»، «كۆڭۈل قويۇپ ئالغا سىلجىتىپ، تارىختا ئەپسۇسلىنىش قالدۇرماسلىق كېرەك»، «ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، بىر مەزگىللىك ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلماسلىق كېرەك».

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان»نى «مىڭ يىللىق كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى»دىن باشلاپ يېزىپ، ھازىر بىلەن ئۇزاق كەلگۈسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۈرئەتنىڭ تېز-ئاستىلىقىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، بىر يېڭى شەھەر قەد كۆتۈرۈپ، شيۇڭئەن يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك زامانىۋى شەھەر قۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا كىردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»، «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش» دېگەندەك سىمۋوللۇق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا «داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش» كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «‹تۆھپىنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولۇشى شەرت ئەمەس› دەيدىغان مەنىۋى مەنزىلگە ۋە ‹تۆھپە يارىتىشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم شەرت› دەيدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپ»، خۇددى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئوخشاش كۈچ ئۇلاپ ئۇدا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا، ئاشكارا نەتىجە بىلەن يوشۇرۇن نەتىجىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

سىياسىي نەتىجە «ھەم دەرھال ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان روشەن نەتىجىدە گەۋدىلىنىدۇ، ھەم ئاساس سالىدىغان، زاپاس كۈچنى ئاشۇرىدىغان، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن نەتىجىدە گەۋدىلىنىدۇ». «ئاشكارا» بىلەن «يوشۇرۇن»نىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىكى كوممۇنىستلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ھەرىكەت قوللانمىسى ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىرادە باغلايدىغان يۈكسەك مەنزىلىنى ئىپادىلەيدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ يىراقنى كۆزلەپ مۇنداق دېدى:«ھەم پۇقرالار كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىش، ھەم كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىش، ھەم ئاشكارا تۆھپە يارىتىش، ھەم يوشۇرۇن تۆھپە يارىتىش كېرەك».

2016-يىلى 1-ئايدا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدۇللا قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۈگۈن سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشۇم مۇمكىن، بۇ قېتىم مۇزاكىرە قىلىدىغىنىمىز تەرەققىيات مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قوغداش مەسىلىسى»، «ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك.»

زۇمرەتتەك دەريا سۈيىنى شەرققە ئاققۇزۇش، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش»نى قەتئىي ئالغا سىلجىتتى؛ دەريا بويىدىكى ئۆلكىلەر مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى تاقاش، ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە قوغدىدى.

سانلىق مەلۇماتلار «ئاشكارا تۆھپە» بىلەن «يوشۇرۇن تۆھپە»گە مۇنداق ئىزاھات بەردى: 10 يىلدىن بۇيان، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئەلا سۇ سۈپىتى نىسبىتى %67تىن %96.5 كە ئۆستى؛ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %42.2 تىن %47.3 كە ئۆستى.

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا، بىر رايون بىلەن پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

«ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە تۈرتكە بولۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەتكە ھۆسن قوشۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىنى ھەرىكەت قوللانمىسىغا ئىگە قىلدى.

پۈتۈن ۋەزىيەتتىن بىر رايوننى پىلانلاش، بىر رايون ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ‐ ئىسلاھات تەدبىرى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولى.

بىر ساھەدە تۇرۇپ، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى، نېمىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇش، نېمىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئىتى، نېمىنىڭ قەتئىي قوغداشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق مەيدان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەن»دىلا، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئۆلچىمىنى تاپقىلى بولىدۇ.

جېجياڭدا خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ «جېجياڭدىن چىقىپ جېجياڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەۋقەنى پۈتۈن مەملىكەتكە قويۇپ جېجياڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»نى تەكىتلەپ، بىر مەركەزنى چۆرىدەپ، بىر سادانى ئورتاق ياڭرىتىپ، «قىسمەن ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە سەل قاراش»نىڭ ئالدىنى ئالدى؛ شاڭخەيدە خىزمەت قىلغاندا، ئومۇمىيەتتىكى ئورنىنى دەل جايىدا بېكىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆتكە قويۇش» ئارقىلىق شاڭخەينىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنى پىلانلاشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەسىلىلەرگە قارىغاندا، ھەممىسىدە چوڭ جەھەتنى چىقىش قىلىپ، بىر جاينىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچىنىڭ نېمىلىكىنى نەزەردە تۇتىدۇ.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يەرلىككە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش»، «ئۆز مەنپەئەت دائىرىسىگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ئاڭلىق بۇزۇپ تاشلاش»نى تاپىلاپ كەلدى.

شەنشىدە، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا قارىتا چوقۇم كۆڭۈلدە سان بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ سىچۇەندە، «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى توغرا تېپىش»نى تەلەپ قىلدى؛ چىڭخەيدە، «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەش كېرەك»، «جەزمەن قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش شەرت» دەپ كۆرسەتتى؛ گۇاڭدۇڭدا، «ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىش»قا ئىلھاملاندۇردى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ «دېيىش» بىلەن «قىلىش»، «بىلىش» بىلەن «قىلىش»نىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى كۆپ قېتىم بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، «نەتىجىنىڭ ھەممىسى ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ» دېگەن روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزدى؛ يېڭى دەۋردىن بۇيان، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەگە «ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش»، «بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش» تەلىپى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلدى.

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم «يېڭى ئۇزۇن سەپەر»دە يېڭى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ