
قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى قازاقىستان پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، تەخمىنەن 5 مىليون 100 مىڭ قازاقىستان خەلق ئاممىسى ئۆز ئالدىغا «قەرز ئېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى» تەسىس قىلىپ، ئۆز نامىدا يېڭى بانكا قەرزى ۋە ئاز سوممىلىق قەرز تارقىتىشنى چەكلەش ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
قازاقىستان دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2026-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە قازاقىستاننىڭ پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسى 20 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان. نوپۇس كۆلىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قەرز پۇلغا چەك قويغان ئادەم سانى شۇ دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئىككى ئۈلۈشىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ