16-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2026.03.17 15:01 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 16-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالى تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 16-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 2026-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، «تيەنتەن مۇكاپاتى» بويىچە باھالاپ مۇكاپاتلاش، ئېچىلىش مۇراسىمى، بېيجىڭ كىنو كۆرگەزمىسى، BJIFF يادرولۇق مۇنبىرى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، بېيجىڭ بازىرى، كىنو كاتتا مەرىكىسى، 33-نۆۋەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو بايرىمى، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى، «كىنو +»، بېيجىڭ كىنو-تۇرمۇش بايرىمى قاتارلىق يادرولۇق بۆلەكلەرنى چۆرىدەپ، بىر قاتار ئېسىل كىنو مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ