«يۇقىرى باھالىق ئانتىبىيوتىكسىز تۇخۇمنىڭ ئادەتتىكى تۇخۇم ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانلىقى» توغرىسىدا ھۆكۈمەت تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانىلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى

2026.03.17 15:00 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، خېنەننىڭ گۇشى ناھىيەسى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەھۋال توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى: يېقىندا، بەزى تاراتقۇلار ۋە تور ئەھلى بۇ ناھىيەنىڭ تۇخۇم مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدى ۋە ئىنكاس بىلدۈردى، گۇشى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، گۇشى ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانىلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ۋەقەگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى پېچەتلىدى ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى باشلاپ، قانۇنغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى»نى قوغدىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ