
مۇخبىرلىرىمىز جاڭ فەن، ۋاڭ مىڭفېڭ، ۋاڭ يۇڭجەنلەر خەۋىرى
3-ئاينىڭ 12-كۈنى، سىچۈەننىڭ بىر «قالتىس» خەۋىرى نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى: چېڭدۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا، بىر ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مودېللىق رەقەملىك ئايلاندۇرغۇچ ئېلان قىلىندى.
چېڭدۇ خۇاۋېي ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان بۇ ئايلاندۇرغۇچ تەقلىدىي سىگنالنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرالايدىغان بولۇپ، سودا، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.
بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تىرىشىپ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. » 2023 ـ يىل 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۈەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچى ۋە بايلىقىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىچۈەن ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ھەر 10 مىڭ نوپۇسنىڭ يۇقىرى قىممەتلىك كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولۇش مىقدارى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى، 2025-يىلى تېخنىكا توختامى بويىچە پۈتۈشۈش سوممىسى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. «15-بەش يىل»دا سىچۈەن ئۆلكىسى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىدۇ.
يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش −
سىچۈەن سۈينىڭدا، چۇڭچىڭ داشۆسى لىتىيلىق ئېلېكتىر ۋە يېڭى ماتېرىيال سۈينىڭ تەتقىقات يۇرتى، لىتىي-گۈڭگۈرت باتارېيەسىنى ئوتتۇرىدا سىناش-ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندى، يېڭى تىپتىكى باتارېيە مەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىلدى.
چۇڭچىڭ داشۆسى تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ تېخنىكا ئاساسى پۇختا بولۇپ، سۈينىڭ لىتىيلىق ئېلېكتىر كەسپى پىشىپ يېتىلدى. 2021 ـ يىلى، چۇڭچىڭ داشۆسى بىلەن سۈينىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورتاق قۇرۇپ، تەتقىقات يۇرتىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇردى. «دىققەتنى لىتىي ـ گۈڭگۈرت باتارېيەسى، ئۈچ ئېلېمېنتلىق مۇسبەت قۇتۇپ ماتېرىيالى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرۇپ، 20 نەچچە تۈرلۈك پاتېنتقا ئېرىشتۇق. » تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى سۈنپۇ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە لىتىي ـ گۈڭگۈرت باتارېيەسىنى مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، لىتىيلىق ئېلېكتىر پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز.
«14-بەش يىل»مەزگىلىدە، سىچۈەن ئۆلكىسى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، يەنە چۇڭچىڭ بىلەن غەربىي قىسىم ئىلىم-پەن شەھەرچىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، سىچۈەن-چۇڭچىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق پىلانى تۈرىدىن 257 نى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىچۈەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى ۋە بايلىقىنى ئۇدۇللاشتۇردى، سىچۈەندىكى دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى 205 كە كۆپەيدى. «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، سىچۈەن نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ بەلگە خاراكتېرلىك ئەسلىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ.
پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش −
سىچۈەن تيەنفۇ يېڭى رايونىدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەھەر يېزا ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆسۈملۈك زاۋۇتى تەجرىبىخانىسىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، قاتار-قاتار يۇمران ئاچچىق مېۋە مايسىلىرى يۇمران بىخلىرىنى چىقىرىپ، ساغلام ئۆسۈۋاتاتتى.
2025-يىل 2-ئايدا، سىچۈەننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «قوش ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش» تۈرى ئېلان قىلىندى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەھەر يېزا ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ «ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا زىرائەت سورتىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتكۈچ تۈرىنى قوللىنىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش» نەتىجىسى شىنتېڭ شۇجى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى «ئېلان چىقىرىش»قا جەلپ قىلدى. «شىركىتىمىز سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە، بۇ نەتىجە بىزنى يېڭى قوللىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. » شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى يۈ خېڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بۇ نەتىجىنىڭ كەسىپلىشىشىگە 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى، ماۋلاگو سورتىنى يېتىشتۈرۈش دەۋرىيلىكىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىشتىن ئۈمىد بار.»
«قوش يۆنىلىشلىك ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش»نىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىرغا قەدەر، سىچۈەن تۆت تۈركۈم قېتىمدا 260 نەچچە تۈرنى ئېلان قىلدى. «< 15-بەش يىل > مەزگىلىدە، بىز پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش سىستېمىسىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، < كارخانىلار تېخنىكا ئىزدەش > ۋە < نەتىجە بازار ئىزدەش>كە كۈچ قوشىمىز.» سىچۈەن ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى لۇ سۇڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «2027-يىلىغا بارغاندا، «ئېلان چىقىرىش»نى قوللاش تۈرىدىن 500دىن كۆپرەكنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى سىچۈەندە 50 تىن ئارتۇق تۈرگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.
كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىش-
چېڭدۇ جياچى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە، بىر يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ماگنىت فۇنكسىيەلىك ماتېرىيال ئەمدىلا پۈتكەنىدى. شىركەت مەسئۇلى چېن لياڭ مۇنداق دېدى: «شىركەت تەتقىق قىلىپ ياسىغان مەھسۇلاتلار ھەر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىناللاردا كەڭ قوللىنىلىدۇ.»
نۇرغۇن كارخانىلارغا ئوخشاش، جياچى شىركىتى بىر قاتار سىياسەت مەدىتىگە ئېرىشتى: كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى زور، تارماقلارنى «تيەنفۇ ئېمېي پىلانى» قاتارلىق تۈر سانى جەھەتتە مەدەت بېرىشكە تەشكىللەپ، يۇقىرى قاتلاملىق پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلىشقا كۈچ قوشتى؛ كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى كۆپ بولۇپ، ئالاقىدار مۇكاپاتلاش-تولۇقلىما بېرىش سىياسەتلىرى يەنە ئارقا-ئارقىدىن نەپ يەتكۈزدى. بۇلتۇر، جياچى شىركىتىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى زور دەرىجىدە ئاشتى.
2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سىچۈەندىكى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19 مىڭ، 29 مىڭغا يەتتى. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش»، «كارخانا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، سىچۈەن كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى تايانچ كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئاچقۇچلۇق ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئارىلىقتا سىناق قىلىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئەمەلىي قوللىنىشنى قانات يايدۇرىدۇ.
سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى ساھەلىرى، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ