
مۇخبىرىمىز جاۋ چېڭ خەۋىرى
«سىياسىي نەتىجە قارىشى مەسىلىسى نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك».
بۇ يىل 1-ئايدا، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«‹15-بەش يىل›نىڭ باشلىنىش يىلىدا، مەيلى يىرىك پىلان تۈزۈش بولسۇن ياكى ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش بولسۇن، ھەممىسىدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى بولۇش زۆرۈر. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىلىرى ئارقا-ئارقىدىن نۆۋەت ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تەكىتلەش ناھايىتى قاراتمىلىققا ئىگە.»
كوممۇنىستلارنىڭ ئىش قىلىش، سىياسىي نەتىجە يارىتىشى خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى بىزدىن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئەمەلىي ئىشلەش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش ئارقىلىق ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتالايدىغان، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ»، «خاتا سىياسىي نەتىجە قارىشى بولسا شەخس ياكى كىچىك كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، يەڭگىلتەكلىك، ئالدىراقسانلىق قىلىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، قارىغۇلارچە قاراملىق قىلىپ، ‹ئوبراز قۇرۇلۇشى›، ‹سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى› بىلەن شۇغۇللىنىپ، بېسىم ۋە يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىپ،خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.»
«نېگىزلىك مەسىلە»سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىدىن كەلگەن.
پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت، مىللەت ۋە خەلق مەنپەئىتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق. كوممۇنىست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلققە بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجىمىز ھېسابلىنىدۇ.
تېز يەتكۈزگۈچىلەردىن سەمىمىي ھال سوراش، ياشانغانلار ياتاق بىناسىدا ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى، كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەش، شىنچۇن شەھىرىگە كىرىپ پۇقرالار بىلەن بىللە «بايرام ئۆتكۈزۈپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش»...بۇ يىل 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئىنچىكە ھالقىلاردىن خەلققە بولغان چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشى نامايان بولۇپ تۇراتتى.
خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىيدۇر. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ. پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى نامايان قىلىش پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك.
يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەرلىكتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئەسلىسەك، ئۇ «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»تىن ئىبارەت سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى:خېبېي جېڭدىڭدا، «يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە»قىيىن مەسىلىسىگە قارىتا، «مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ھوسۇللۇق ناھىيە»دېگەن تاجنى تاقىماسلىققا رازى بولدىكى، ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى؛ فۇجيەندە، «ماۋجياپىڭغا ئۈچ قېتىم باردى»، «شياداڭ يېزىسىغا ئۈچ قېتىم چۆكتى»ھەمدە «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدى؛ جېجياڭدا، ئەينى چاغدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش ۋە يەنىلا نۇرغۇن نامرات نوپۇس بار بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ھەممە جاينى تولۇق قاپلاپ، ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىر يېزا-بازارنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ»دەپ تەكىتلىدى؛ شاڭخەيدە، «كۆتۈرمە تەرەت چېلىكى ئىشلىتىش»قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، «خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ نېگىزى، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە»دەپ كۆرسەتتى...
«كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە، مۇھىمى پۇقرالارنىڭ ياخشى باھا بەرگەن-بەرمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك.»
2024-يىلى 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەننىڭ جاڭجوۋ شەھىرى دۇڭشەن ناھىيەسىدىكى گۇ ۋېنچاڭ خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، يولداش گۇ ۋېنچاڭنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ئىگىلەپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:«بىز ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشتە، يۈكسەك ئىرادىلىك ئۇلۇغ زاتلاردىن بولۇشقا ئىنتىلىپلا قالماي، يەنە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم بولۇشىمىز، ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك، ‹قەيەردە ئەمەل تۇتسا، شۇ يەرگە بەخت يارىتىش كېرە‹، پەقەت مۇشۇ يولدا مېڭىشلا، جاھاندىكى توغرا يول.»
«نېگىزلىك مەسىلە»سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ تەرەققىيات قارىشى بىلەن باغلىنىشىدىن كەلگەن.
سىياسىي نەتىجە قارىشى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، مەنزىلى، ئەندىزىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ، ئىشلارنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك.
«ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش، سىياسىي نەتىجە قوغلىشىشتا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، قارىغۇلارچە قاراملىق قىلىشتەك ئۇسۇللارنى قوللانماسلىق، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق ۋە ‹ئوبراز قۇرۇلۇشى›، ‹سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى›نى توسۇش كېرەك.»باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۆڭۈل قويۇپ پۇختا ئىشلەشكە ئاگاھلاندۇرۇپ:«قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پۇختا ئىشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك»دېدى.
«مىڭ-تۈمەن قۇرۇلۇشى»دىن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكىچە، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە بىر بولقا-بىر بولقىدىن قېقىشتەك سىياسىي نەتىجە قارىشى ئەكس ئەتتى–
جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ «مىڭ-تۈمەن قۇرۇلۇشى»نى ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈمەنلىگەن يېزا ـ كەنتنى ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، جېجياڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «مىڭ-تۈمەن قۇرۇلۇشى»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۈمەنلىگەن دېھقان ئاممىغا بەخت ياراتتى.
«<مىڭ-تۈمەن قۇرۇلۇشى>» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ۋە مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.» بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش»نى تەلەپ قىلدى.
«15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچ چىقىرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل.
ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىدە كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدىن چەتلەپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە، جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدىن چەتلەپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىن قېيىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە، دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغان-ئايرىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
بۇ يىل 1-ئايدا، 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تۆھپىنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولۇشى مۇھىم ئەمەس، تۆھپە يارىتىشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك دېگەن مەنىۋى يۈكسەكلىك ئارقىلىق پۈتۈن زېھنى بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش»نى تەلەپ قىلدى.
جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى سەپىرىدە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «تۈپ مەسىلە»گە چوڭقۇر ھەم ياخشى جاۋاب بېرىپ، خەلق ئۈچۈن نەتىجە ياراتقان، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق نەتىجە ياراتقاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ