«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026.03.17 14:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 6 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز - ئوكيانلارنى ئىدارە قىلىش، دېڭىز - ئوكياننى ئېچىش تارىخى ئۇزاق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز دېڭىز - ئوكيانلارنى تەرتىپلىك ئېچىپ پايدىلاندۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن دېڭىز - ئوكيانلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: چوڭ پىكىر يولى جەھەتتە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن تاغلىق رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماس تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىش؛ كەسىپلەرنى يېڭىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دېڭىز - ئوكيان ئەنئەنىۋى كەسپىدە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن دېڭىز - ئوكيان كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى دېڭىز - ئوكيان كەسپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋى دېڭىز - ئوكيان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ ئادەم بىلەن دېڭىزنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش ۋە قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، ئادەم بىلەن دېڭىز ياخشى ھەمتۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنياۋى دېڭىز - ئوكياننى تۈزەشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، دېڭىز - ئوكيان ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئورتاق تىنچ پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كونكرېت خىزمەتتە مۇنداق ئالتە جەھەتتىن نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، كەسىپ، پەن - تېخنىكا، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت مەدىتى سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسىدىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، دېڭىز - ئوكيان كەسپىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك. دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يىراق ئوكياندا زامانىۋى بېلىق تۇتۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان بىيوتېببىي دورىلىرى، بىيوياسالمىلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان خاس مەدەنىيىتى ۋە ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىپ، كېمە - پاراخوت ۋە دېڭىز - ئوكيان قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «رەقەملىك دېڭىز - ئوكيان» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېڭىز تىرانسپورتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئاساسلىق دېڭىز قولتۇقلىرىنى بىر پۈتۈن پىلانلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. دېڭىز بويىدىكى پورت توپىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق پورتلارنىڭ يېشىللاشتۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. بەشىنچى، دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دېڭىز تەۋەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، دېڭىز تەۋەسىدىن قاتلاملارغا بۆلۈپ ئىستېرېئولۇق پايدىلىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دېڭىز - ئوكياندىن كاربون يىغىشنى ھېسابلاشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئالتىنچى، دۇنياۋى دېڭىز - ئوكياننى تۈزەشكە چوڭقۇر قاتنىشىش كېرەك. دۇنياۋى دېڭىز - ئوكيان پەن تەتقىقاتى، تەكشۈرۈش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، كۆك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا پورت ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ