جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ

​14 - نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسى

2026.03.17 14:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى:

14 - نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مېيىپ تەنھەرىكەتچىلىرى باتۇرلۇق بىلەن 15 ئالتۇن مېدال، 13 كۈمۈش مېدال، 16 مىس مېدال بولۇپ جەمئىي 44 مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال تىزىملىكى، مېدال تىزىملىكىدە 1 - ئورۇندا تۇرۇپ، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك جەھەتتە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە شان - شەرەپ كەلتۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ!

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، سىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگودىكى مېيىپلەرنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار. سىلەر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن ئادىل رىقابەتلىشىپ، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ھېكايىسى ۋە جۇڭگو مېيىپلەر ھېكايىسىنى پائال ياخشى سۆزلەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتۇڭلار.

سىلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ تەنھەرىكەت كاتتا نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، دۆلىتىمىز مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

گوۋۇيۈەن

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ