14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2026.03.16 13:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى

​ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى قاتارلىقلار ماقۇللاندى، شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى

​شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنلارنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئەھۋالى بىلەن ئالاقىدار قانۇن ۋە بېكىتمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىگە ئالاقىدار دوكلاتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 70 -، 71 -، 72 -، 73 - نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى.

يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ليۇ چى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2878 كىشى، قاتناشقىنى 2762 كىشى، قاتنىشالمىغىنى 116 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، جاۋ لېجى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىن «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان، مۇھىم ۋەزىپىلەر ۋە 2026 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىندا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى، بۇ يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تۈپ كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى ماقۇللاندى. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى 2026 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ 2025 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2025 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ 2025 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2025 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ۋەزىپىلەرگە قوشۇلدى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنلارنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئەھۋالى بىلەن ئالاقىدار قانۇن ۋە بېكىتمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

ئارقىدىن، جاۋ لېجى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. يىغىندا دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىلىپ، كەڭ ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈلدى، بۇ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى ۋەكىللەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىق دوكلاتلارنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە يىللىق پىلان، خامچوتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، يىغىن نەتىجىسىدە پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىشەنچ ۋە قۇدرەتلىك كۈچ نامايان قىلىندى.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى. «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ياخشى يولغا قويۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، نىشان - ۋەزىپىسى، سىياسەت - تەدبىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغۋار ئارزۇنى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: بىز مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «15 - بەش يىل»لىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سادىقلىق بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا تۆھپە يارىتىشى، تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋ لېجى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى يېپىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، جاڭ شېڭمىن، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن قاتارلىقلار بار.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ