
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ پىروۋېنس − ئالپىس − كۆك دېڭىز قىرغىقى چوڭ رايونى خەلقئارا مەكتىپى جۇڭگو تىل - يېزىقى سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا ۋە پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تىل - يېزىقىغا جۇڭخۇا 5000 يىللىق مەدەنىيلىكى مۇجەسسەملەنگەن، كىچىك - كىچىك چاسا شەكىللىك خەتلەرگە تارىخىي زور ئەقىل - پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش قەدىمىي ھەم زامانىۋى جۇڭگونى چۈشىنىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلىشىغا پايدىلىق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىلەرنىڭ ۋە فىرانسىيە، ياۋروپادىكى تېخىمۇ كۆپ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىش ۋە زىيارەتتە بولۇپ، ساياھەت قىلىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان جۇڭگونى بىۋاسىتە چۈشىنىپ ۋە ھېس قىلىپ، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭلاردىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارغا ھەمراھ بولىدىغان دوستقا ئايلاندۇرۇشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئات يىلى. ئات قەيسەرلىك، باتۇرلۇق ۋە ئالغا ئىنتىلىشكە سىمۋول قىلىنغان. ساۋاقداشلارنىڭ باشلامچى بولۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە، جۇڭگو - ياۋروپا دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا، فىرانسىيەنىڭ پىروۋېنس − ئالپىس − كۆك دېڭىز قىرغىقى چوڭ رايونى خەلقئارا مەكتىپى جۇڭگو تىل - يېزىقى سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش تەسىراتى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەمبەھرىلىدى، جۇڭگو - فىرانسىيە ياش - ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو - فىرانسىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاكتىپ ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ