دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئىراندىكى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ھال سوراش ۋە نەپىقە بېرىش ئۈچۈن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ

2026.03.16 13:57 مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 3-ئاينىڭ 13-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

گو جياكۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئىراندىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدۇ. جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئىران قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنى 200 مىڭ دوللار جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ھال سوراش ۋە ئۇلارغا نەپىقە بېرىشكە مەخسۇس ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ پۇقرالار ۋە غەيرىي ھەربىي نىشانلارغا پەرقسىز ھۇجۇم قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى ئەيىبلەيدۇ، مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلىش، بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا تېخىمۇ ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بويىچە ئىراننى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئىران خەلقىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىگە مەدەت بېرىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ