
بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «15-مارت» كېچىلىكىدە ئاشكارىلانغان «ئاقارتىلغان توخۇ پۇتى»، «سېتىشنى ئاشۇرۇش توزىقى»ى قاتارلىق بازارنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ساھەسىگە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، بازارنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش باش ئىدارىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تېزدىن قوزغىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ