مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى

2026.03.13 11:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى شى تەيفېڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق ئېلان قىلدى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2125 كىشى بولۇپ، 2059 كىشى ئەمەلىي قاتناشتى، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئەمەلىيەتچىل بولغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى جانلىق نامايان قىلدى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسى ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆتكەن بىر يىل ۋە «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە، ئىنتايىن قالتىس بولغان تەرەققىيات مۇساپىسى ھەمدە تەستە قولغا كەلگەن، ناھايىتى قىممەتلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلىدى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىلگىرىلىمەكتە. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەۋقەنى ئۆزىنىڭ خاراكتېرى، ئورۇن بېكىتمىسى ۋە مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەكلىپ بېرىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلبنى مۇجەسسەملىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كۈچ قوشۇشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى زور مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقات ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تونۇش، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى پىلانلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە پايدىلىق تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل خەلققە بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە ۋاڭ يى، يىن لى، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې لىفېڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، جاڭ شېڭمىن، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ قاتارلىقلار بار.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلار قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ