
ئېكولوگىيەلىك- مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ رۇنچيۇ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ 3-مەيدان «مىنىستىرلار يولى»دا مۇنداق تونۇشتۇردى: سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزا، ناھىيە بازىرى قاتارلىقلارغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت كونترول قىلىدىغان 200دىن ئارتۇق كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە بىر تۈركۈم ئۆلكە دەرىجىلىك كۆزىتىش نۇقتىسىنى قاراتمىلىق ھالدا كۆپەيتىپ، كىچىك، مىكرو سۇ گەۋدىلىرىنى تۈزەشنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇپ، «ئىشىك ئالدى»دىكى بۇلغىنىشنى نۇقتىلىق تۈزەيمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ