دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى»نى باھانە قىلىپ سىياسىي نەيرەڭۋازلىق قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ

2026.03.13 11:07 مەنبە: خەلق تورى

تاراتقۇلارنىڭ ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 سودا ھەمراھىغا ئالاقىدار سودا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 3-ئاينىڭ 12-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق، ھەر خىل شەكىلدىكى يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجى تەدبىرلىرىگە قارشى تۇرىدۇ. تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىككى تەرەپ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باراۋەر، ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا كېڭىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك. ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» بىر ساختا تېما، جۇڭگو تەرەپ بۇنى باھانە قىلىپ سىياسىي نەيرەڭۋازلىق قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ