بىر مەقسەتتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقايلى

—— مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2026.03.13 11:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دېموكراتىيە ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى توپلىدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

2026 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. قاينام - تاشقىنلىق مۇساپىگە نەزەر سالساق، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، بولۇپمۇ «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئەمەلىيەت شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدىغان تارىخىي يۈزلىنىش. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغاندا، ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ قەتئىيلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. ئىرادىلىكلەر جەزمەن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىشتىن بۇرۇن پىلان تۈزىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلىغاندا، چوقۇم «15 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزم - لېنىنىزم بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، پارتىيە نەزەرىيەسى، دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي تۈزۈمدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئىپادىسى. «15 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، تەكلىپ بېرىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىرنى تولۇق ئىپادىلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش داۋامىدا چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھېسسىيات ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ھاسىل قىلغاندا، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، بېكىتىلگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلبنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىختىساسلىقلار توپلانغان بولۇش، ئەقلىي كۈچ توپلانغان بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم تېمىلارنى كۆزلەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە كېڭىشىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، بىرلىك سەپنىڭ قەلبنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى كۈچەپ ياخشى سىزىپ چىقىشى كېرەك.

باھاردا يولغا چىقىپ، ئۈمىدكە قاراپ ئاتلىنايلى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ