
جۇڭگونىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئورگان تورىدا 2026-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى دوھادىن بېيجىڭ داشىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىشنى باشلىغان.
ئەگەر جۇڭگوغا قايتىش ئېھتىياجى بار يولۇچىلار بولسا قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە:
ھاۋا يولى: دوھا (DOH) دىن بېيجىڭ داشىڭ (PKX) غا ئۇچىدۇ
ۋاقتى: 2026-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى (پەيشەنبە)
نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى: QR892
ئۇچۇش ۋاقتى: 11:10 (دوھا ۋاقتى)
يېتىپ بېرىش ۋاقتى: ئەتىسى سائەت 00:55 (بېيجىڭ ۋاقتى)
ئۇچۇش ۋاقتى: تەخمىنەن 8 سائەت 45 مىنۇت
توشۇغۇچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى: قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتى
سەمىمىي ئەسكەرتمە: يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئورگان تەرەپ ئۇقتۇرۇشىنى ئاساس قىلىڭ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ