
3-ئاينىڭ 10-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بىر مۇخبىر جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سىياسەت تەشەببۇسىنى چۆرىدەپ سوئال سورىدى.
بۇنىڭغا قارىتا گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدۇ. يېقىندا، جۇڭگو تەرەپ ياراشتۇرۇش خىزمىتىنى زىچ قانات يايدۇردى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفونلىشىپ، رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
گو جياكۇن مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى جەي جۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئالدىراش زىيارەتتە بولۇۋاتىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئارقىغا سۈرۈلۈشى، توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىشى ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ توقۇنۇشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ياراشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ