
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، نەنخۇا داشۆسى دورىگەرلىك شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېن 3-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۆلەت خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالارنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. داۋالاش ساھەسىدە «سانلىق مەلۇمات يېگانە ئارىلى» ھادىسىسى مەۋجۇت بولغاچقا، پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش تەننەرخىنىڭ نىسبەتەن بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ سەۋەبى ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانىلار ئارىسىدىكى ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس بولۇش، بىرلىككە كەلگەن سانلىق مەلۇمات تىرىكى كەمچىل بولۇش، دورا ئىشلىتىش، خورىما ماتېرىيال سەپلەش ۋە ئومۇمىي دىياگنوز قويۇش-داۋالاش سەۋىيەسىنى ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك باھالاش تەس بولۇش قاتارلىقلار.
شۇڭا، ئۇ دۆلەت قاتلىمىدىن باشلامچى بولۇپ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن داۋالاشنى تىزىملاش سىستېمىسى ئورنىتىپ، دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش، نازارەت قىلغىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئاساستا AI، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئانالىز قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ دورا، خورىما ماتېرىياللار ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ئىقتىدارىنى باھالاپ، پۇقرالارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ