
شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى
جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنلارنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئەھۋالى بىلەن ئالاقىدار قانۇن ۋە قارارلارنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى.
شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. جاۋ لېجى دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق بىرلىكىنى قوغدىدى. دائىمىي كومىتېت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىنى ئىككى قېتىم قاراپ چىقتى ھەم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قانۇنچىللىق ئۇلىنى پۇختىلىدى. تەيۋەننىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى خاتىرە كۈنىنى تەسىس قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق بولغان مىللەت تارىخ ئەسلىمىسىنى كۈچەيتتى. ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن روھى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇردى. ئىككىنچى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى. قانۇننى چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش، تۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر يىلدىن بۇيان قانۇن، قانۇن ئىزاھاتى، قارار لايىھەسىدىن جەمئىي 40نى قاراپ چىقىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 24نى ماقۇللىدى، بۇ، ئالتە قانۇننى تۈزۈش، 14 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. جەمئىي 22 نازارەتچىلىك خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، بەش قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئىككى قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش، 11 تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، بىر تۈرلۈك قارار چىقاردى. تۆتىنچى، ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋەكىللەر قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرگە يېقىندىن تايىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللىدى ۋە كاپالەتلەندۈردى. بەشىنچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلدى. ئالتىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
دوكلاتتا جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، خىزمەتلەردە يەنە بەزى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، ۋەكىللەر ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.
دوكلاتتا جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
جاۋ لېجى دوكلاتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى: ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى يادرولۇق ئورنى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھە، چەت ئەلگە ئالاقىدار ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىغا مەدەت بېرىپ، خەلقنىڭ رايى، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تەكلىپ - تەۋسىيە ۋە قاراپ چىقىش، سۆز قىلىشتا تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، چەت ئەل پارلامېنتلىرى، خەلقئارا ۋە رايون پارلامېنت تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ «تۆت ئورگان» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 29 مىڭ 154 پارچە دېلو قوبۇل قىلىپ، 31 مىڭ 958 پارچە دېلونى ئاخىرلاشتۇردى، بۇ، 2024 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %16.5، %1.8 تۆۋەنلىدى. مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلغان، سوت ئاچقان، ئىجرا قىلغان دېلو 37 مىليون 486 مىڭ پارچە بولۇپ، 36 مىليون 200 مىڭ پارچە دېلونى سوت قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى، بۇ، 2024 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %10.8، %8.9 ئاشتى.
دىققەتنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا قاتتىق ئەمەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جاڭ جۈن 2025 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدۇق؛ يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنى قوغدىدۇق؛ يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە كۈچ قوشتۇق؛ قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇردۇق؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق.
جاڭ جۈن دوكلاتتا مۇنداق بىلدۈردى: 2026 - يىلى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قانۇنچىللىقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى سوت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ۋە پۇختا ئىشلىشى كېرەك؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك؛ قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە چوڭقۇر كۆيۈنۈپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان يېڭى دەۋر سوت مەھكىمىلىرى پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىگە پائال سىڭىشىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ تەپتىش ئەمەلىيىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك دېلودىن جەمئىي 3 مىليون 467 مىڭ پارچىنى بېجىردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بېجىرگەن دېلو 8151 پارچە.
يىڭ يۇڭ 2025 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدۇق؛ خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدۇق؛ تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ نازارەتنى قوبۇل قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق.
يىڭ يۇڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2026 - يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك ئورگىنى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ پۇختا ئىشلەپ، تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنلارنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئەھۋالى بىلەن ئالاقىدار قانۇن ۋە قارارلارنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى.
يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2878 كىشى، يىغىنغا قاتناشقىنى 2760 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 118 كىشى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى خۇڭجۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن يۈ ۋېيگو، ۋاڭ نىڭ، ۋاڭ ۋېيجۇڭ، ۋاڭ جۇڭلىن، ۋاڭ شياۋخۇي، ۋاڭ خاۋ، بايىنچاۋلۇ، فېڭ فېي، ليۇ يىلياڭ، دۇ جياخاۋ، لى شيۇلىڭ، ياڭ شياۋچاۋ، ۋۇ شياۋجۈن، جاڭ شېڭمىن، چېن شياۋجياڭ، لىن ۋۇ، جوۋ زۇيى، جاۋ يىدې، نى يۆفېڭ، خۇاڭ لىشىن، خۇاڭ چياڭ، خۇاڭ چۇپىڭ، لو شۇگاڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ